‹‹دوپپا رىۋايىتى››دېگەن دەرسنىڭ مۇھاكىمىسى
‹‹دوپپا رىۋايىتى››دېگەن دەرسلىك 2-يىللىقلار ئۈچۈن 2-قىسىم(‹‹قوش تىل››سىنىپلىرى)بەشىنچى بۆلەك ‹‹ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى››دېگەن مەزمۇنغا كىرگۈزۈلگەن دەرسلىك بولۇپ، بۇ بۆلەكتىكى قىزىقارلىق رىۋايەتلەر،ئاتاقلىق كىشىلەر ھەققىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ئۇرغۇتۇپ،بىر تەرەپتىن بىلىم بېرىش،يەنە بىرتەرەپتىن ئېسىل ئەنئەنىلىرىمىزنى تونۇتۇپ،ئادەم بولۇشنڭ ئۆگىتىشنى مەقسەت قىلغان ئاساستا دەرسنى ئوقۇتۇش تەلىپى بويىچە ئىككى سائەت لايھىلەپ ئۆتتۇم.
1- سائەتلىك دەرسنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئوقۇتۇش تەرتىۋى ئۈستىدە تەھلىل:
1. يېڭى دەرسكە ‹‹دوپپا››دېگەن شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ،شېئىر مەزمۇنىنى سوراش يېڭى دەرسنىڭ ماۋزۇسىنى مەيدانغا كەلتۇرۇش بىلەن بىرۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلارغا يېڭى دەرسلىك ئۈچۈن دەسلەپكى نىشاننى بەلگىلەپ بېرىپ،نېمە قىلىش كېرەكلىكى ئۈچۈن يول ئىچىپ بېرىش(ئۇلارنى يېڭى بىلىمگە قارىتا قوزغاش)
2. قالغان تەرتىپلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ 1-سائەتلىك نىشانغا يېتىش مەقسىتىدە دەرسخانە ئوقۇتۇش تەلىۋى بويىچە تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ شۇ بويىچە دەرس ئۆتۇلدى.يەنى،
ئوقۇتۇش نىشانى:
1.تېكىستنى ئەدەبىي تىلدا توغرا،راۋان،ھېسسىياتلىق ئوقۇش.يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى بىلىۋېلىش ۋە ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىش.(مۇھىم نۇقتا)
2.تېكىست مەزمۇنىنى چۈشىنىۋېلىش.(قىيىن نۇقتا)
3.دوپپا مەدەنىيىتى توغرىسىدا دەسلەپكى چۈشىنىش ھاسىل قىلىش.
ئۇنىىڭدىن باشقا ئوقۇغۇچىلارغا نىشاننى يەتكۈزۈشتە يەنە دوسكا لايھىيەسى ئاساسىي دوسكا،قوشۇمچە دوسكا بويىچە ئېلىپ بېرىلدى.سەۋەپ،ئاساسىي دوسكىغا ئوقۇغۇچىلار ئىگىللەش زۆرۇر بولغان مەزمۇنلار خاتىرلەندى.قوشۇمچە دوسكىغا ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى بىلىشنى خالايدىغان مەزمۇنلار خاتىرلىنىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ رايىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ نىشان يەتكۈزۇلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بىر قىسىم بىلىشكە تېگىشلىك بولغان زۆرۇر مەزمۇنلار ئۆزئارا كىرىشتۇرۇلدى.مەسىلەن:
‹‹تارىم دەرياسى بويى››دېگەن سۆز بويىچە ۋەقەنى يۈز بەرگەن ئورنى، يەنى دىيارىمىز شىنجاڭ تونۇشتۇرۇلدى.
قوللانغان(تۇغرول،ئايتۇغدى،كۈنتۇغدى)ئىسىملارنىڭ ھەقىقىي ئۇيغۇر ئىسمى ئىكەنلىكىگە ئىزاھات بېرىلىپ،مىللىي تونۇش يورۇتۇلدى.
2- سائەتلىك دەرسنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئوقۇتۇش تەرتىۋى ئۈستىدە تەھلىل:
نىشان:
1.تېكىستنى يېتەكلەش سوئاللىرى ئاساسىدا قايتا بايان قىلىشنى بىلىش.(مۇھىم نۇقتا)
2.گۇمانىيتارلىق سوئاللار ئارقىلىق دوپپىنىڭ بارلىققا كېلىش ئەھۋالىنى بىلىش.(قىيىن نۇقتا)
3.مىللىي كىيىم-كېچەلكىرىمىزنى قەدىرلەش،ئۇلاردىن ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسىنى يېتىلدۇرۇش.
بۇ سائەتلىك دەرسمۇ نىشاننى ئەمىللەشتۇرۇش بولۇپ،بۇنىڭغا ئاجايىپ-غارايىپ شەكىلدە دەرسكە باشلاپ كېرىش بولماستىن بەلكى ئالدىنقى سائەتلىك تاپشۇرۇقنى ئورۇنداپ كېلىش ئاھۋالىنى تەكشۇرۇش ئاساسىدا باشلاپ كېرىلدى.
مەقسەت:
1. بىرىنچى سائەتتە ئىگىللىتىلگەن مەزمۇنلارنى بۇ سائەتلىك دەرسنىڭ مەزمۇنىنى ئىگىللىشىگەئاساس سالدۇرۇۇش شۇ ئارقىلىق مۇستەھكەملەش.
2. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش پوزىتسىيىسىنى سىناش.
ئوقۇتۇش جەريانى دەرس مەزمۇنى سوئاللار ئاساسىدا تاھلىل قىلىندى.سەۋەب،دەرس بايلىقىنى قىزىپ،ئوقۇغۇچىلارغا دوپپىنىڭ بارلىققا كېلىش ئەھۋالىنى بىلدۇرۇش.
ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىن تەييارلىق قىلىپ كەلگەن تەييارلىق ئەھۋاللىرى ۋە ئۇنىڭغا بېرىلگەن باھا سۆزلىرىدىن ئەنئەنىۋى باش كىيمىمىز دوپپا ۋە ئۆزىمىزنىڭ مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىمىز توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىلىپ،ئۆزىمىزدىن ۋە ئەمگەك مېۋىلىرىمىزدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى پەيدا قىلىندى.شۇڭا بۇخىل ھېسسىياتنى ئىپادىلەش ئۈچۈن مەشىققە بېرىلگەن ‹‹بادامدوپپا››دېگەن شېئىر ئوقۇتۇلدىۋە كىچىك مودېللار ئۆزلىرىنىڭ تەييارلىقى بويىچە سەھنىدە مودېللەق كۆرسەتتى.مەقسەت بالىلارغا پەخىرلىنىشنى قانداق ئىپادىلەشنىڭ ئاددىي شەكلىنى ئۆگىتىش.
ئاخىرىدا ئەنئەنىلىرىمىزدىن پەخىرلىنىش ھېسسىياتىمىزنى پەقەت بۇ ئىككى سائەت ئارقىلىقلا ئىپادىلەپ كەتكىلى بولمايدۇ.شۇڭا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تاپشۇرۇقتىن پايدىلىنىپ ‹‹رىۋايەتنى ئاتا-ئانىلىرىغا ئېيتىپ بېرىش››بۇ بىرتەرەپتىن بالىلارنىڭ سۆزلەش،ئىپادىلەش جەھەتتە يېتەكلىسە،يەنە بىرتەرەپتىن ‹‹دوپپا››مەدەنىيىتىنى كەڭ تۇردە تەشۋىق قىلىپ،ئۆز مەدەنەيىتىمىزنى چۈشۈنۈشكە زور ياردىمى بار.ئەمدى ‹‹دوپپا ۋە ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلىرى توغرىسىدا››تام گېزىتى ئىشلەش بالىلىرىمىزغا ئۆز مەدەنىيىتىمىز توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپلەپ ئىزدىنىپ،ئۇنى ئۆز ئىقتىدارى بويىچە نامايەن قىلىش.
相关阅读推荐: