说课吧首页 阅览说课吧说课稿英语说课稿高中英语说课稿> 正文

新疆维吾尔语说课稿

Tags:
字号:T|T
本站微信

كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كالتىكى
نۇرمۇھەممەت توختى
تولۇق 1-يىللىق
Ⅰدەرس ماتېريالىنى چۈشەندۈرۈش
一、说教材
1.چۈشەندۈرىلىدىغان مەزمۇن:
1.说课内容:
ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرس ئۆلچىمى تەجرىبە دەرسلىكى 2-كىتاپتىن نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ « كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كالتىكى» ناملىق ئىپىك نەسىرى
كۈچ ئۇلاپ يۇگۈرۈش كالتىكى
2. تېكست ئانالىزى:
2.教材分析:
بۇ ئىپىك نەسىردە كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان « مەن » نىڭ 1-پەللىدىن كەلگۈچىدىن كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جان تىكىپ يۈگۈرۈپ، ئۇنى كېيىنكى پەللىدىكى تەنھەركەتچىگەتاپشۇرۇپ بېرىش جەريانى يېزىلغان. ئىنچىكە تەھلىل قىلساق نەسىردە سىمۋوللۇق ئوبرازلار ئارقىلىق ئەجدادۋە ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە تۇرمۇشىمىزدىكى رىقابەت ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكىنى ھىس قىلىمىز.
ئوقۇغۇچىلارغا بۇ نەسىر ئارقىلىق ئەجدادلاردىن قالغان ئەنئەنىۋىي مىراسلارنى قوغداش، ئاسراش ۋە ئۇنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت بۇرچ تۇيغۇسىنى؛ مۇئەييەن نىشاننى كۆزلەپ توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرىلەش روھىنى ھېس قىلدۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
3. ئوقۇتۇش نىشانىنى بەلگىلەش
3.教学目标的确定:
1) كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كالتەكلىرىنىڭ نىمىلەرگە سىمۋۇل قىلىنغانلىقىنى بىلىۋېلىش
2) ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى كېيىنكى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت بۇرچ تۇيغۇسىنى ھېس قىلىش
3) ھاياتتىكى رىقابەت سەھنىسىدە توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ زۆرۈرلىكىنى چۈشىنىش
4.مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتا:
4.教学重点、难 点:
ئاپتورنىڭ كۆز قارىشىنى چۈشىنىش
2) ئەسەردىكى ئىدىيىۋى مەزمۇننى ئۆز ھەركىتىگە ئايلاندۇرۇش
Ⅱ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى
二、说教法
يىتەكلەش، قوزغىتىش، مەسىلە قويۇپ مۇھاكىمە قىلىش، ھوزۇرلىنىش ، خۇلاسىلەش
Ⅲئوقۇتۇش جەريانى
三、教学过程
دەرسكە باشلاپ كىرىش :
سىز كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈشنىڭ قائىدىلىرىنى بىلەمسىز؟
2) مىللىي ئەنئەنىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە قانداق قارايسىز؟
2.يېڭى دەرس مۇھاكىمىسى:

تېكىستتىكى كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كالتەكلىرى نىمىلەرگە سىمۋول قىلىنغان؟
ئالتۇن ــ
مودېل ــ
كىتاپ ــ
ساز ــ
دوپپا ــ
تېكىستتىكى بوۋاي كىمنى كۆرسىتىدۇ؟
«مەن» چۇ؟ «مەن» نىڭ بالىسىچۇ؟
«مەن» نىڭ ئالدىنقى پەللىدىن كەلگەن بوۋاينىڭ ئاپئاق ساقاللىرىنى غۇۋا كۆرگەنلىكى نىمىنى چۈشەندۇرىدۇ؟
3. رېئال تۇرمۇش مۇھاكىمىسى:
◆ ھازىر جەمىيىتىمىزدە دوپپا كىيىپ، ياغلىق ئارتىپ يۈرگەنلەرنى كۆرسەك «ھازىدارمۇ سەن» دەپ سوراپ قۇيىدىغان بولدۇق.
◆پالانچى ئەتلەستىن توي كۆڭلىكى كىيىپتىكەن شۇنداق يارىشىپتۇ.
دېگەندەك گەپلەرنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز
بۇنىڭدىن نىمىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ؟
◆ئەنئەنىمىزدىن ياتلاشمايلى!
◆ئەنئەنىمىزنى قوغدايلى!
سىزمۇ قارىشىڭىزنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ باقامسىز؟
سىز ئاتا-ئانىڭىز يەتكەن مەنزىلگە يىتەلەيمەن دەپ قارامسىز؟
ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئىنسانلار ئاللىقاچان چىقىپ بولغان تاغلاردىن ھالقىپ ھالقىپ ئۆتۈشتۇر.
يۇقارقى مەسىلىنى ئۆز نىشانىڭىزغا بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىپ بېقىڭ
تۆۋەندىكى رەسىملەردىن ھوزۇرلىنىڭ

بۇ تېكىستتە،ئەجداد ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئاسراپ كېيىنكى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈش؛ ئەجداد بىلەن ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدا كۆرۈكلۈك رول ئويناش؛ ئەجداد ئەنئەنىسىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا مول مەزمۇنلۇق مىراسلارنى قالدۇرۇش يولىدا مېھنەت سىڭدۈرۈش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
4. خۇلاسە:
Ⅳدەرستىن كېيىنكى سىناق
四、课后测试
1. «قوتادغۇ بىلىك»نى تەكىيە، «تۈركى تىللار دىۋانى» نى سېلىنچا قىلىپ ياتساڭ قانداق بولىدۇ؟
يۇقارقى جۈملىدىن نىمىنى ھېس قىلدىڭىز؟
2 .ئەجداد ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە قوغداش ھەققىدىكى تونۇشىڭىزنى سۆزلەپ بېقىڭ
Ⅴدوسكا لاھىيىسى
板书设计 五、
كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كالتىكى
نۇرمۇھەممەت توختى
بوۋاي-«مەن»-«مەن»نىڭ ئوغلى
ئالتۇن ــ بايلىق
مودېل ــ پەن-تېخنىكا
كىتاپ ــ بىلىم
ساز ــ سەنئەت
دوپپا ــ ئەنئەنە
Ⅵتاپشۇرۇق
六、布置作业
1. «ماس قەدەملىك مەشىق» كىتابىنىڭ 72- بېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەشىق
2. «مىللىي ئەنئەنىنى زامانىۋىيلىق بىلەن ماسلاشتۇرۇش » مەزمۇن قىلىنغان بىر پارچە ئەسەر يېزش
كۆپچىلىككە رەھمەت!
谢谢各位!

相关阅读推荐:

新疆维吾尔语说课稿 花帽的传说

新疆维吾尔语说课稿

[]
分享到:
看过本文的人还看过

说课视频