说课吧首页 阅览说课吧说课稿特殊教育说课稿> 正文

新疆维语说课稿 字母 x

Tags:
字号:T|T
本站微信

ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپى‹‹ش››نىڭ مۇھاكىمىسى
ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپى‹‹ش›› شىنجاڭ مائارىپ نەشىرياتى تۈزۈپ نەشىر قىلغان 1–يىللىقلار ئۈچۈن 1–قىسىم ئېلىپبە ‹‹قوش تىل›› دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن ھەرپ.
‹‹ش›› ھەرپى ئۇيغۇر تىلى ھەرپلىرى ئىچىدىكى ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپىگە تەۋە بولغان، يېزىلىشى بىر قەدەر مۇرەككەپ ھەرپلەرنىڭ بىرى. مەن بۇھەرپنى تۆۋەندىكىدەك تەرتىپ بويىنچە ئۆتتۈم.
ئوقۇرۇش نىشانى:
مۇھىم نۇقتا:
1›«ش» ھەرىپىنىڭ ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپى ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش ۋە ئۇنى توغرا تەلەپپۇز قىلىپ ئوقۇشنى ئۆگىنىۋېلىش.
2› «ش» ھەرىپىنىڭ ھەر خىل شەكىللىرىنى قۇر سىزىقلىرىغا چۈشۈرۈپ توغرا، چىرايلىق، ئۆلچەملىك يېزىشنى ئۆگىنىش.
3› ئۆگەنگەن سوزۇق ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلىرىنى قوشۇپ بوغۇم تۈزەلەيدىغان بولۇش.
4› بېرىلگەن سۆزلەرنى ئەدەبىي تەلەپپۇز بويىچە توغرا ئوقۇيالايدىغان، سۆزلەر تەركىبىدىكى ھەرپ، بوغۇملارنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ، قۇر سىزىقلىرىغا چۈشۈرۈپ توغرا، چىرايلىق، رەتلىك يازالايدىغان ھەم ئۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلەيدىغان بولۇش.
5. مۇھىم ۋە قېيىن نۇقتا :
ھەرپ، بوغۇملارنى توغرا تەلەپپۇز بىلەن ئوقۇشنى، يېزىشنى ئۆگىنىش مۇھىم نۇقتا. ھەرپلەرنى بېرىلگەن سىزىققا چۈشۈرۈپ يېزىشتا قېينىلىدۇ.

ئوقۇتۇش ئۇسۇلى :
بېرىلگەن ھەرپكە مۇناسىۋەتلىك رەسىمنى كۈزەتكۈزۈش، ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرنى كۆرسىتىش ۋە شۇ ھەرپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۆزلەرنى ئېيتقۇزۇش ئارقىلىق قىزىقىشىنى قوزغاش ، ئوقۇش يېزىش مەشىقى ئېلىپ بېرىش .
ئوقۇتۇشتا ئىشلىتىلىدىغان قوراللار: دەرس دېتالى، دەرسلىك كىتاپ.
دەرسكە باشلاپ كىرىش:
ئوقۇتقۇچى: ساۋاقداشلار، بۇ رەسىمگە قاراڭلار نىمىلەر بار ئىكەن دەپ، ئېكراندا شىر، شار ،ئىشتان... قاتارلىق شەيئىلەرنىڭ رەسىملىرىنى كۆرسىتىپ بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىدە قايسى ھەرىپ بار ئىكەن. دىيىش ئارقىلىق دەرسكە باشلاپ كىردىم.
ئوقۇغۇچى: ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى رەتلىك ، توغرا، جانلىق جاۋاپ بەردى.
ئوقۇتقۇچى: ساۋاقداشلار، سىلەر بەك ئەقىللىق ئىكەنسىلەر. ئۇنداقتا بۈگۈن قايسى ھەرپنى ئۆگىنىدىغانلىقىمىزنى بىلدىڭلارغۇ دەيمەن؟
دەسلەپكى قەدەمدە ئوقۇش: 1) ئەگەشتۈرۈپ ئوقۇتۇم.
ئوقۇتقۇچى: 2) ئەگىشىپ ئوقىدى.
3) ناھايىتى ئەستايىدىل ئوقۇدۇڭلار، ساۋاقداشلار بۇ ھەرپنىڭ قانچە خىل شەكلى بار ئىكەن؟ (تۆت خىل شەكلى بار) ئەمدى يېزىلىش شەكلىنى ئۆگىتىمەن، دەپ ‹‹ش››ھەرپىنىڭ يېزىلىش شەكلىنى ئۆگەتتىم. بۇ ھەرپ بىلەن يېزىلىشى ئوخشاپ كېتىدىغان ‹‹س›› ھەرپىنى كۆرسىتىپ ئوخشاشلىقى ۋە پەرقىنى تېپىپ چىققۇزدۇم.
‹‹ش›› غا مۇناسىۋەتلىك ‹‹ياش، تاش ، باش، شاش››قاتارلىق بىر بوغۇملۇق

سۆزلەرنى ئوقۇشنى ، يېزىشنى ئۆگەتتىم.‹‹پاشا ، ئىشچى ، شوتا››قاتارلىق ئىككى بوغۇملۇق سۆزلەرنى ئوقۇش، يېزىش،بوغۇملەرغا ئاجرىتىشنى ئۆگەتتىم.
ئۆزەمنىڭ ھېس قىلىشىم ۋە كەسىپداشلارنىڭ سەمىمىي پىكرىدىن بۇ دەرسنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنىڭ ئېنىق، رەتلىك، تەرتىپلىك ئۆتۈلگەنلىكىنى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس مەزمۇنىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردۈم.

相关阅读推荐:

新疆维语说课稿 字母 x

[]
分享到:
看过本文的人还看过

说课视频