‹‹بوۋامنىڭ ئالما دەرىخى››دېگەن ئوقۇش تېكىستىنى ئۆتۈشتە مەن تۆۋەندىكىدەك باسقۇچلار بويىچە نىشانغا يېتىپ،دەرسنىڭ مۇھىم،قىيىن نۇقتىسىنى ئىگىللىتىپ،شۇ ئاساستا مەشىقلەندۇرۇپ ئەمەلىي چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش.
1. ئالدىن تاپشۇرۇق دەرسنىڭ نىشانىغا ئاساسەن تېكىستنى پىششىق ئۇقۇپ،بايان قىلىپ بېرەلەيدىغان بولۇپ كېلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش.
2. يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش.بۇنىڭدا دەرسكە مۇناسىۋەتلىك بولغان مېۋىلىك دەرەخلەر توغرىسىدا بىلىش ئىقتىدارىنى سىناپ كۆرۈش،شۇ ئارقىلىق يېڭى دەرسكە ئاساس سېلىش.
3. ئوقۇتۇش جەريانىدا دەرسنىڭ نىشانى بولغان تۆۋەندىكى نۇقتىلار بويىچە يېتەكلەش ئېلىپ بېرىش.
1) تېكىتتىكى قايسى كۆرۈنۈشلەر ‹‹مەن››نىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز خاتىرلىرىدۇ؟
2) تېكىست مەزمۇنى بويىچە ‹‹مەن››نىڭ ئالما دەرىخىگە بولغان پوزىتسىيىسىنى ،‹‹مەن››دىكى ھېسسىيات ئۆزگىرىشىنىڭ قايسى جايلىرىدا قانداق ئىپادىلەنگەنلىكىنى چۈشىنىپ،تېكىستتىن نېمىنى ھېس قىلغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىشكە يېتەكلەش.
يۇقىرقى نىشانغا يېتىشتە تۆۋەندىكىدەك ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش.
(1) يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش سوئاللىرى:
ساۋاقداشلار بۈگۈنكى دەرسىمىزدىن بىز نېمە بىلەن تونىشىدىكەنمىز؟ئۇنداقتا دەرەخ قانداق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ؟مېۋىلىك دەرەخلەردىن نېمىلەرنى بىلىسىز؟قېنى، بۈگۈنكى دەرسىمىزنىڭ ماۋزۇسىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنىدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلدىڭىز؟
(2)دەرسكە بولغان تونىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى سوئال بويىچە تېكىستنى بايان قىلىشقا يېتەكلەش.
سوئال:-- تېكىتتىكى قايسى كۆرۈنۈشلەر ‹‹مەن››نىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز خاتىرلىرىدۇ؟
(2) دەرسنىڭ2- نىشانى تېكىست مەزمۇنى بويىچە ‹‹مەن››نىڭ ئالما دەرىخىگە بولغان پوزىتسىيىسىنى ،‹‹مەن››دىكى ھېسسىيات ئۆزگىرىشىنىڭ قايسى جايلىرىدا قانداق ئىپادىلەنگەنلىكىنى چۈشىنىش، يەنى مۇھىم،قىيىن نۇقتىلىرىنى ئىگىللىتىش ئۈچۈن مةن ›› دة ظالما دةرئخئگة قارئتا قانداق گذمان پةيدا بولدئ ؟ ‹‹ مةن ›› ظالما دةرئخئنئ قانداق كإزةتتئ ؟ كصيئن قانداق مذؤةپپئقئيةتلةرگة ظصرئشتئ؟ بذنئ تصكئستنئث قايسئ جايلئرئدئن كأرإؤالغئلئ بولئدذ ؟دېگەن سوئاللار ئاساسىدا شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئابزاسلارنى،مۇھىم سۆز-جۈملىلەرنى ھېسسىياتلىق ئوقۇش ۋە تەپەككۇر قىلىش،ئۆز كۆزقارشىنى ئوتتۇرغا قويۇش،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەسەرنىڭ ئىپادىلەش تەرتىپى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ ئاپتورنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى چۈشىنىپ،مەسىلىلەرگە قارىتا ھۆكۈم قىلالايدىغان بولۇش مەقسىتىگە يېتىپ،تىل-ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمىنىڭ 3-ئۆگىنىش باسقۇچىنىڭ نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش.
شۇڭا ئاخىرىدا،خۇلاسىلاش ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلارغا بىرنەچچە ماقال-تەمسىل سوۋغا قىلىش ئارقىلىق بىلىم توپلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ،دەرس مەزمۇنىنى كېڭەيتىپ ئۆگىنىشىگە يېتكچىلىك قىلىش.
دەرسنىڭ خۇلاسە سۆزى:
دېمەك،بىز بۇ تېكىستتىن مەلۇم ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشتا ئۇنىڭغا ئەجىر سىڭدۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە بىلىم ئىگىللەشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدۇق.
ماقال-تەمسىللەر:
1. ئەقىل بىلىم-بۇلىقى،بىلىم ھۈنەر چىرىغى.
2. ئاتمىش ياشتا بىلمىسەڭ،ئالتە ياشلىقتىن سورا.
3. تېرىشقان ئۇزار ،تېرىشمىغان توزار.
دوسكا لايھىسى:
دەرسنىڭ مەزمۇنىنى ئىپادىلەيدىغان مېغىزلىق سۆزلەربىلەن ئىپادىلەپ بالىلارنىڭ ئاسان قوبۇل قىلىۋېلىشىغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش.يەنى:
6.بوۋامنىڭ ئالما دەرىخى
(ھېكايە)
--قۇربان ئەمەت
چېچەك---ئەجىر، مېۋىسىز، بىلىم ---مېۋە بېرىش--نەتىجە
تاپشۇرۇق:
ماقال-تەمسىل توپلاپ كېلىش .
يۇقۇرقى تەرتىپ بويىچە دەەرسنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتۇپ تۈگىتىش.
相关阅读推荐: